-
2009-02-08
شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتلەرگە نەزەر
ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر تورداش ، پىقىرنىڭ بۇ تىمىسى بەك ئالاھىدە بولمىسمۇ، لىكىن بۇ ماقالىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلىۋېلىشىغا تىگىشلىك مەزمۇن بولغاچقا مەزكۇر مۇنبەرگە ،شۇنىڭدەك بارلىق تور ئەھلىگە سۇنۇلدى.
قىممەتلىك ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەزمۇننى ئاخىرغىچە ئوقۇڭ.ئۇيغۇر ئىلى ئۈچۈن مىللى زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈچىيۋاتقانلقى كۆز يۇمغىلى بولماسلىق رىئاللىق ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلار تەرپىدىنلا ئەمەس بەلكى خەنزۇلار تەرپىدىنمۇ ئوتتۇرغا قويۇلماقتا.
مەيلى زىددىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى خالىغان خەنزۇ ۋە باشقا مىللەت زىيالىلىرىنىڭ ئۆز كۆز قارشىنى ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئوتتۇرغا قويۇشى ھەرگىز تاساددىبى ئەھۋال ئەمەس، بۇ رىئاللىقنى تونۇپ يىتىش بولسا كىرەك.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى ھۆكۈمەت ۋە جۇڭگۇ كومنۇستىك پارتىيە دائىرىلىرى دائىم دىگۈدەك خەلىقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىزچىل ياخشى ئىكەنلىكنى، بۇ يەردە ھېچقانداق مىللى زىددىيەت ۋە مىللى مەسلىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئەكىسچە ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ كىشلىلىك ۋە سىياسى ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچراش ئەھۋالىنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلۋاتقان تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم شەخىسلەرنى مىللى بۆلگۈنچىلىك، ھەتتا تىرورچىلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتى پىرافېسورى جاڭ بىڭ لى خانىمنىڭ بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر تور بەتتە ئېلان قىلغان «» ماۋزۇلۇق ماقالىسى مەزكۇر مەسلە ھەققىدە يىتەرلىك جاۋاپ بەرسە كىرەك.
ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتلەرگە نەزەر
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللەت ۋە نوپۇس جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا 1949-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايون نوپۇسىنىڭ %80 پىرسەنتىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2007-يىلى ئاران %47 پىرسەنىتكە چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭدەك بۇ رايوندىكى مىللەت تەركىۋىدە ئۆزگىرىش يۈز بىرىپ 54 مىللەت تەركىبىگە يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ كىتىشدە كۆپ خىل ئامىللار مەۋجۇت.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زىددىيەتلەرنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىنى سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇ. مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، سىياسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلدى، قانۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسي جەھەتتىن ئالغاندا يەرلىك مىللەتلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە، لىكىن بۇ جايدىكى رىئاللىق كۆرسەتتىكى ئەمەلي سىياسي ھوقۇق ئىزچىل ھالدا خەنزۇلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ھازىرغىچە ئەمىلىلەشمىدى. ھەقىقەتەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەلىق قۇرۇلتىيىدا ۋەكىللىرى بار، بىراق ھەققى ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك ئاپتونۇمىيە ھوقۇقىغا ئىرشەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا نامدىكى ھوقۇق ۋە دىمكۇراتىيەنىڭ كۆپ بولغانلىقنىڭ نىمە ئەھمىيتى.....!!؟ئۇيغۇر ئىلىدا تەڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر ھاكىميەت مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيسى- بىڭتۇەن .
بىڭتۇەنگە قاراپ باقايلى، بۇ پۈتۈنلەي دىگۈدەك خەنزۇلاردىن تەركىپ تاپقان ئورۇن، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى مۇددىئاسى چىگرا رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش كىرەك. بىراق ئۇنىڭ مۇستەقىل مەمۇرى، ئەدليە، ئىقتىساد ھەم نوپۇس تۈزۈمى بار. بۇنداق بىر رايوندا ئىككى رەھبەرلىك ئورگىنى بولۇشىتىن ئىبارەت باشقۇرۇش مودىلى كۆپلىگەن ئۇقۇشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئاپتونۇمىيە ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقى بۇ جايدا ئەمەلى ئاپتونۇمىيەلىك ھوقۇقنىڭ يوقلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، سىياسى جەھەتتىن ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ھەققى باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، سىياسى باراۋەرسىزلىكنىڭ مىللى زىددىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ كىتىشىدىكى ئاساسى ئامىل بولغانئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىقتىساد ئامىلدۇر.
ئۇيغۇر رايوندىكى شەھەر ۋە يىزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا زور پەرق بار، خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارسىدا ئىقتىسادى تەكشىسىزلىك ھەم ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىللىرىدا نامۇۋاپىقلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئىلدىكى بايلىقلار جۇڭگۇ ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، قارماي ۋە تارىم نىفىتلكلىرى جۇڭگۇنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان نىفىتلىكلىرىدۇر، پاختا، بۇغداي، پۇرچاق قاتارلىق يىزا ئىگلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى جۇڭگۇنىڭ ئىمپورت قىلىش بېسمىنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقنى ئېيتماي مۇمكىن ئەمەس، ئەمما مانا مۇشۇنداق مول بايلىققا ئىگە ئۇيغۇر ئىلدىكى خەلىقلەر بۇ بايلىقلار ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي مەنپەئەتتىن بەھرىمان بولالمىدى. بۇ يەردىكى نىفىت، تەبىئىي گاز، پاختا قاتارلىق مۇھىم بايلىقلار سىرىتقا توشۇلۇپ شەرقى قىسىم رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرلىۋاتىدۇ. ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش ئىشلىرىنى ئاساسلقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، يەرلىك كىچىك شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشش پۇرستى ئاساسەن بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى شۇ جاينىڭ ئىقتىسادى ئۆسۈشى ۋە خەلىققە ئەمەلى پايدا ئېلىپ كەلدى دەپ ئېيتالمايمىز. بۇ يەردىكى خەلىقلەر ئۆزىنىڭ بايلىقلىرنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئېلىپ كىتلۋاتقانلىقىغا كۆزىنى ئېچىپلا قاراپ تۇرۇپ، بۇنىڭدىن ئۆزلىرى بەھرىمان بولالمىدى. بۇ خىل ئېلىپ كىتىش رولىنى بىجىرۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئاچچىق ۋە غەزەپ-نەپرەتلەرنىڭ خەنزۇلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلنىشىنىمۇ پەرەز قىلىش مۇمىكىن ،پۈتۈن ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئاز سانلىق ئاممىسنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى ئازلاپ كەتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى يىزا ئىگىلىكى ۋە سىرىتقا چىقىپ ئىشلەشتىن كىلىدۇ.
ئىشسىزلىق مەسلىسى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر ئىلدىكى كۆپلىگەن ساھەلەردە يەنى پۇل مۇئامىلە، ھەربى ۋە ئالاقە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا مىللەت چەكلىمسى بار، دائىم كۆرۈلدىغان ئەھۋاللار شۇكى بۇ ساھەلەرگە ئاساسىلىقى خەنزۇلار قوبۇل قىلىندۇ، ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەسكى بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل مىللى كەمسىتشنىڭ ئىپادىسىدىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلار ئارسىدىكى ئىقتىسادى كىرىملەر مىللى زىددىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئىلدىكى مىللى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىپ كىتىشىدىكى يەنى بىر مۇھىم ئامىل شۇكى بۇ مەدەنىيەت مائارىپ مەسلىسى بولۇپ، قوش تىللىق مائارىپ بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر ئىلىدا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق ئاساسىدە ئېلىپ بېرىلىشى كىرەك.
بىر مىللەتنىڭ تىلى ئالاقە قۇرالى بولۇپلا قالماستىن، شۇ مىللەتنىڭ مەدىنىيتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۆزىگە يۈكلىگەن بولىدۇ. ئۇيغۇر ئىلدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئەمەلىيەتتە قانداق بولۇۋاتىدۇ..!؟ خەنزۇ مەكتەپ بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇئەللىملەر پەقەت خەنزۇتىلدا دەرىس سۆزلەشكە بەلگىلەنگەن. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەردە مىللى تىلنى ۋە مەدىنىيتىنى ئۈگىنەلمەيدۇ. بەزى مەكتەپلەردە ھەتتا بىر ئىغىزمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، خەنزۇ تىلنىڭ قوش تىللىق مائارىپتا ئۇيغۇر تىلنىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئۇيغۇر تىلنى مائارىپ ساھەسىدىن قوغلىنىش كەيپىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەۋجۇتلىقدىن ئەنسىرەش ئىددىيىسىنى ئۇلغايتىۋىتىشتىن ئىبارەت. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، قوش تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى ئاللىقاچان چەتكە قېقۋىتىلدى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولدى؟ ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلار ئارسىدا ئالاقە قىلىش قېيىن بولدى، مىللى مەدەنىيەت ئەنئەنسى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى رىقابەتكە دۇچ كەلدى. مىللى ئاڭ بارغانسىرى ئاجىزلاشتى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر ئىلدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئامما ئارىسىدا قوش تىللىق مائارىپ پۈتۈنلەي ئاسسىملاتسىيە بولۇپ قالدى. بۇ خىل خەنزۇتىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۇرۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خەنزۇلارنىڭ ئوبرازى يەنە بىر قېتىم چۈشتى. دىنى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇندا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنى ئىتقاد ئەركىنلىكى بار دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئىلدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنغا ئىشنىدۇ، بىراق خەنزۇلارنىڭ كۆپنچىسى دىنسىز، ماركىسىزىم بىلەن ئاللاھ بىر-بىرىگە زىت بولۇپ، ماتىرىيالىزىم بىلەن قۇرئان ئۆز-ئارا چىقشالمايدۇ. بۇ ئىككىسى ئوت بىلەن سۇدەك قارشى، كۆپلىگەن خەنزۇلار دىننى چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن قارىغۇلارچە ھۆكۈم چىقىرىپ،دىننى بىر خىل خۇراپىلىق دەپ قارايدۇ، شۇ سەۋەپتىن كۆپلىگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ. يۇقارقى بىر قاتار زىددىيەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مىنىڭ قارشىمچە، كەمبەغەللىك، باراۋەرسىزلىك، خاتا چۈشۈنۈش ۋە ئايرىمچىلىق قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدىغان ئامىللار ئىكەنلىكنى يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ئەگەر، كەمبەغەلچىلىكتىن قۇتۇلۇپ بارلىق پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى باراۋەر، ئۆز-ئارا ھۆرمەت، چۈشۈنۈش ۋە ئالاقىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلنىشى شۇنداقلا جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتىدا شانلىق تۆھپىلەر مەيدانغا كەلگۈسى.
ئۈشبۇ ئەسەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش ئاساسىدا ھەر قانداق مۇنبەرگە يوللىنىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ شۇنىڭدەك ئۈمۈد قىلىدۇ . ئەسەر سەلكىن مۇنبىرىگە مەنسۈب !
مەنبە: بىيجىڭ زىيالىلىرى مۇنبىرى .
ئەسكەرتىش : بۇ تېمىنىڭ ئەھمىيىتىنى زور ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغاچقا چاپلاپ قويدۇم . بۇ ئەسەر ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان، سىياسى بىلەن چېتىشلىقى يوق .
http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-51984 : ئەسەر ئەسلى ئۇلىنىشى







